ئۇيغۇرلار كىم؟

Who Are the Uyghurs?

ئۇيغۇرلار — ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان قەدىمىي تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ تارىخى يىپەك يولى مەدەنىيىتى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، مىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقىي ۋە غەربىي مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدا ئۆزىگە خاس پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان.

The Uyghurs are a Turkic ethnic group native to Central Asia. Historically situated along the ancient Silk Road, they have served as a vital bridge between Eastern and Western civilizations for over a millennium, cultivating a unique and vibrant cultural heritage.

تارىخ ۋە مەدەنىيەت

History & Culture

ئۇيغۇرلار تارىختا قاراخانىيلار ۋە ئىدىقۇت خانلىقى قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى — دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايان قىلىدۇ.

Uyghurs have a rich history of establishing influential kingdoms, such as the Karahanid and Idiqut states. Our crown jewel is the "Twelve Muqam," a complex musical system recognized by UNESCO as a Masterpiece of the Oral and Intangible Heritage of Humanity.

تىل ۋە يېزىق

Language & Script

ئۇيغۇر تىلى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە. بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى (ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدا) مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مول ئەدەبىي مىراسلىرىمىز شۇ يېزىقتا ساقلانغان.

The Uyghur language belongs to the Turkic language family. We use a persio-arabic based script that has been used for over a thousand years, preserving countless works of poetry, science, and history.

تۇرمۇش ۋە تائاملار

Life & Cuisine

ئۇيغۇرلار مېھماندوستلۇقى بىلەن داڭلىق. لەڭمەن، پولۇ، سامسا ۋە كاۋاپ قاتارلىق تائاملار ئۇيغۇر دەستىخېنىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى.

Known for immense hospitality, Uyghur culture revolves around community gatherings (Meshrep). Our cuisine—featuring Laghman (hand-pulled noodles), Polo (pilaf), and Samsa (baked buns)—is famous across Central Asia.